دالاي لامانىڭ ئارۇناچالدىكى زىيارىتى يېڭى دېھلى بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە

دالاي لاما بۈگۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا 'مەن بىر تىبەت راھىپى، مىنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئىككىنچى چوڭ بۇتخانىسغا كېلىشىم، مىنىڭ دىنىي مەجبۇرىيىتىم، ئەمما بۇ دىنىي پائالىيەت ھازىر بەكلا سىياسىيلاشتۇرۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ ' دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دالاي لاما ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىنىڭ داۋان شەھەرچىسىدىكى بۇتخانىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، دالاي لامانى بىر كۈرۈشنى، ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىپ بۇ جايغا كېلىۋاتقان يەرلىك خەلقنىڭ سانى بارغانسىرى ئۇلغىيىۋاتىدۇ.

بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى كەينى-كەينىدىن بايانات ئېلان قىلىپ 'دالاي لاما ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ جەنۇبىي تىبەتكە كەلگەنلىكى ئۇنىڭ بۆلگۈنچى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئاشكارلىدى'، 'ھەر قانداق دۆلەت باشلىقىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ' دەپ جار سېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ ھازىر ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىدىكى تىبەتلەرنىڭ ئىككىنچى بۇتخانىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقى، يېڭى دېھلى بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە.

بۇ ۋەزىيەت دالاي لامانى تەڭلىكتە قالدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئارۇناچالدىكى يەرلىك خەلققىمۇ بېسىم بولماقتا.