ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بېسىمنىڭ دائىرىسى كېڭەيمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي بېسىم كۈنسايىن ئېغىرلىشىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ دائىرىسىنىڭمۇ كېڭىيىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن «ئۇيغۇر بىز» تور بېتىدە توقسۇ ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ «ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئۆتەش ۋە قىرائەت قىلىشنى چەكلەش» ھەققىدە تۈزگەن ئۇقتۇرۇشى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر، دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشى بۇرۇنلا چەكلەنگەن، ئەمما ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇشنىڭ زادى قايسى قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشى دەپ قارىماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە كەڭ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.

بىر نەپەر ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، لوپ ناھىيىلىك 2-دوختۇرخانىدىمۇ يۇقىرىقىدەك چەكلىمە بار بولۇپ، 24 سائەت چارلاشقا قويۇلغان خادىملار تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق كىشىنى دەرھال 500 يۈەن جەرىمانە بىلەن جازالايدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر، دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشى چەكلەنگەن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى «دىنىي بېسىمنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق سېلىشىدىن، ئەرلەرنىڭ بۇرۇت-ساقال قويۇشىغىچە ئارىلىشىۋېلىش» بىلەن تەنقىدلىمەكتە.