نامايىشتا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار، سىياسىي ۋە دىنىي زاتلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى تەنقىد قىلىندى.
رۇس لېتىنەن خانىم مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «تاش يۈرەك» دەپ سۈپەتلىدى ۋە خىتاينى شىمالىي كورىيىدىن قېچىپ چىققان پاناھلانغۇچىلارنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە سالامەت يېتىپ بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان شىمالىي كورىيىلىك چېگرادىن قېچىپ، خىتايغا كىرىۋالسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارغا ئىقتىسادىي كۆچمەنلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، شىمالىي كورىيىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى داۋام قىلماقتا.
لېتىنەن خانىم باياناتىدا يۇقىرىدىكى ئەھۋال بىلەن بىرگە يەنە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىمۇ تەنقىد قىلدى. ئۇ خۇ جىنتاۋنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە دىنىي زاتلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئازايتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ «خۇ جىنتاۋ، سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە دىنغا ئىشەنگۈچىلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك، بىز خىتاي خەلقىنى ھېچ بولمىغاندا بۇ زۇلۇملارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.
