ئۇنىڭدا، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان پارنىك گازىنىڭ مىقدارىنى چەكلەيدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىش، پۈتۈن دۇنيا ھازىر ئويلانمىسا بولمايدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك جىددىي مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.
ب د ت بۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2006 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە پۈتۈن دۇنيادىن ھاۋا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلگەن كاربون مىقدارىنىڭ 40%ئى خىتايدىن ۋە ئامېرىكىدىن قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك قالدۇق گاز.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى 2009 - يىلىدا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون مىقدارىنى چوقۇم ھەر ئايدا 3%دىن ئازلىتىپ مېڭىش لازىم، گەرچە بۇ قېتىم ئوباما خىتايدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق كېلىشىم ئىمزالانمىدى، بوشلۇققا قويۇپ بېرىدىغان كاربون مىقدارىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت كېلىشىم ئىمزالىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.
