خىتاي ئەنگلىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى 'سىياسىي ئويۇن' دېدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى 2009 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە "قاتتىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك" دەپ باھا بەردى.

دوكلاتتا:" ئۆتكەن 30 يىلدا خىتاي ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقى جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا بولدى، بەزى رايونلاردا تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى،" دەپ بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر رايونىدا 2009 - يىلى ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلار ئۇچرىغان مۇئامىلە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ ئەنگلىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا "سىياسىي ئويۇن" دەپ باھا بەردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىڭ گاڭ سۆزىدە ئەنگلىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا دېيىلگەنلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ، "جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھەقلىرى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى" دەپ كۆرسەتكەن.

مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى تەپسىلى خەۋەرنى پروگراممىز داۋامىدا ئاڭلايسىلەر.