بۇ يىل نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئالىملارنىڭ ئىچىدە خوڭكوڭدا تۇغۇلغان ئەنگىلىيىلىك بىر ئالىم بار، ئۇنىڭ ئىسمى چارلىس كو (خىتايچە ئىسمى گاۋ كۇن)، 75 ياش. ئۇ نۇرنىڭ ئۆسۈملىك تالالىرىدا تارقىلىشنى تەتقىق قىلىپ، نۇر كابىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا يېڭىلىق ياراتقان.
بۇ يىل نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چارلىس كو، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەندە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغانلىقى ئۈچۈن چەتكە قېقىلغان ئەرباب بولغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن خىتاي زىيالىيلىرى كوممۇنىست تۈزۈمىدىن ئۆزىنى ئازاد قىلسىلا، كەشپىيات - ئىجادىيەت ئىگىلىرى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت دۇنيادا كۆپ غۇلغۇلا قوزغىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئالىمنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ۋاقتى، دەل كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان ئىدى.
