ھەرىكەت داۋامىدا ئابدۇسالام ناسىر، ھاجى مەھەممەت، ئابدۇكېرىم، ئابلەت ئابدۇرېشىت، پەرھات ياقۇپ، غېنى ئىسرائىل ۋە ئەنۋەر ئىسرائىل قاتارلىق 20 گە يېقىن كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ، كۆپىنچىسى بىرقانچە ئايدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن. ئەمما دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ھازىرغىچە ئىزدىلىۋاتقان باش گۇماندار ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئىنىسى ئەنۋەر ئىسرائىل ئاكىسىنىڭ ئورنىدا گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئىدى.
ئەنۋەر ئىسرائىلنىڭ ئايالى ئاسىيە كېرىموۋا قازاقىستان ۋەتەندىشى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يولدىشىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ۋە يولدىشىنىڭ قويۇۋېتىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، يەنى بۈگۈن، ئاسىيە كېرىموۋانىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئەنۋەر ئىسرائىلنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. ئاسىيە كېرىموۋا بۈگۈن يولدىشى بىلەن 9 ئايدىن كېيىن ئىككى قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن.
ئاسىيە تېلېفون سۆھبىتىدە يولدىشىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان، ئەمما يولدىشىنىڭ قانداق سەۋەب ياكى قانداق چۈشەندۈرۈشلەر بىلەن قويۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە تېخى مەلۇمات ئىگە بولمىغان. شۇنداق بولغاندا، شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىش ۋەقەسى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلاردىن ئابدۇسالام ناسىرنىڭ ھازىرغىچە تېخىچە تۈرمىدە ئىكەنلىكى مەلۇم.
