خىتاينىڭ سەيشەنبىدىكى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن، تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغاننىڭ "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى" دەپ ئەيىبلىشىگە قاتتىق ئىنكاس قايغۇرغان بولۇپ، "تۈركىيىنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزىنى ياندۇرۇلۋېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز " دېگەن.
چىن گاڭ سۆزىدە يەنە - 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خىتاينىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر پىلانلىغان زوراۋانلىق ھەرىكىتى، بۇ مىللىي مەسىلە ئەمەس، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىمۇ ئەمەس، پەقەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشنى، خىتاينى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەت دەپ كۆرسىتىپ، "بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى ھەمدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاراتقان ھەر قانداق شەكىلدىكى قوللاش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ كۈچلۈك تەلەپ قىلىمىز "دەپ تەكىتلىگەن.
8 - ئىيۇل تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان، سانائەـلەشكەن 8 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۈچۈن ئىتالىيىگە مېڭىش ئالدىدا بايانات بېرىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا " دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇ مەسىلىنى باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى ئالدىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئارقىدىن يەنە ئىتالىيىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزدىن باشقا سۆز بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس" لىكىنى قايتا ئەسكەرتكەن ئىدى.
تۈركىيە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايغۇرغان دۆلەت بولۇپ، تۈركىيىدە، ھۆكۈمەت، ئامما ۋە ئىقتىسادىي گۇرۇھلار بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا خىتايغا قارشى تۈرلۈك كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەر داۋام ئەتمەكتە.
