Bernard Valero نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا بىرلىكى بۇندىن ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتىگە، 5 - ئىيۇل ۋەقگسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ئىنسيانكارلار ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتقا نازارەتچى سۈپىتىدە قاتنىشىش تەلىپىنى سۇنغان.
بەرنارد سۆزىدە خىتاينىڭ بۇ تەلەپكە شۇ چاغدا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. فرانسۆز باياناتچىسى سۆزىدە يەنە، " فرانسىيە ياۋروپا بىرلىكىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆلۈم جازاسىغا قارشىدۇر" دەپ بىلدۈرگەن.
دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەر يىللاردىن بېرى ئىزچىل ھالدا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر. خىتاينىڭ ئۆلۈم جازالىرىدىن باشقا يەنە، قارىسىغا تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق بىلەن سوراق قىلىش، ئادۋوكاتسىز سوتلاش قاتارلىق قىلمىشلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇش ئەمەس، ھەتتا ئائىلە-تاۋاباتى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
