گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلغان

بۈگۈن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونى بولغان خېزو شەھىرىدىكى تىبەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزگەن، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى قولغا ئېلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى مەيدانغا كەلگەن نامايىشتا ئاز دېگەندە 20 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىنغان.

مارت ئېيى تىبەتلىكلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر ئاي بولۇپ، بۇ 1959 - يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىغا 51 يىل بولغان ۋە شۇنداقلا 2008 - يىلى 14 - مارتتىكى لاسا ۋەقەسىگە ئىككى يىل تولغان بىر ئاي. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ كىرىشى بىلەن تىبەتتە ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىنى نەچچە قات كۈچلەندۈرۈپ، بىرەر ۋەقە پەيدا بوپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 14 - مارت كۈنى يەنە گەنسۇنىڭ ماچوۋ شەھىرىدىمۇ تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بايان قىلىپ بېرىشىچە ھازىر بۇ شەھەر ساقچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان.

شەھەرنىڭ 70 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىقىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلۇپ، جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن. ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق بولۇپ، خېزو ۋە ماچوۋ شەھەرلىرىنىڭ ساقچى دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقان.