گەنسۇدىكى تىبەتلەر نامايىش قىلىپ، تىبەتكە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلدى

يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گەننەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق چۈما ناھىيىسى ۋە خېزۇ شەھىرىدىكى تىبەتلەر نامايىش قىلىپ،"تىبەتكە مۇستەقىللىق"، "دالاي لاما ياشىسۇن" دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بىر گۇرۇپپا تىبەت ياشلىرىنىڭ ئالدى بىلەن چۇما ناھىيىسىدە نامايىش قىلغانلىقىنى، 17 - چېسلا خېزۇ شەھىرىدە يەنە بىر گۇرۇپپا تىبەت ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىش قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، خېزۇ شەھىرىدە نامايىش قىلغان تىبەت ئوقۇغۇچىلاردىن 20 كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقىنى، دائىرىلەر پەيشەنبە كۈنى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، شەھەردە چارلاشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چۇما ناھىيىسىدىكى نامايىش 14 - چېسلا يۈز بەرگەن بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈن تارقاتقان خەۋىرىدە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ چۇما ناھىيە بازىرىغا 70 كىلومېتىر مۇساپىدىكى لاڭمۇ لاما ئىبادەتخانىسىغا بارىدىغان يول ياقىسىغا بىر قانچە يەردە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خېزۇ شەھىرىنىڭ ج خ دائىرىلىرى مۇخبىرىمىزغا ئالدىدا مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، كېيىن پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، خېزۇ شەھىرىدە نامايىش بولغانلىقىنى رەت قىلغان. خەۋەرلەردە نامايىشچىلارنىڭ "تىبەتكە مۇستەقىللىققا"، " دالاي لاما ياشىسۇن" دېگەن شوئارلارنى توۋلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.