فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېرلىندىن بايان قىلىشىچە، گېرمانىيىدە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى بار ميۇنخېن شەھىرى بۈگۈن، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللىتى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن گۇئەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 17 كىشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى قوللايدىغان رەسمى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى 'سويتدويچ زايتوڭ' گېزىتى ئارقىلىق ئاشكارىلىدى.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوتسىيال دېموكرات فرانك ۋولتېر شتاينماير بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئازاد قىلىنغان مەھبۇسلارنى قۇبۇل قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندە، گېرمانىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خرىستىيان دېموكرات ۋولفگاڭ شويبلە ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئىدى. ھازىر بۇ مەسىلە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ قارار ئېلىشىغا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا باغلىق بولۇپ قالدى.
