'خىتاينىڭ ئۆز خەلقىغە سالغان سىم توساقلىرى بېت -چىت بولۇدىغانغىمۇ ئۇزۇن قالمىدى'
خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيا ھازىر 1989 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېرلىن تېمى ئۆرۈلۈپ، ياۋروپادا كوممۇنىزم تۈزۈمى گۇمران بولغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركىل خانىم تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىككى گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن قىلغان يارىدەملىرىگە تەشەككۈر ئېيتتى ۋە 'بېرلىندىن چىققان ئەركىنلىك ساداسى، خۇددىن ئامېرىكىنىڭ فېدولفىيە شەھرىدىن چىققان ئەركىنلىك ساداسىغا ئوخشاشلا، قولىقىمىزغا 'ئەركىنلىك ئاسماندىن ئۆزى چۈشۈپ قالمىغان، كۆرەشلەر ئارقىلىق قولغا كەلگەن، ئۇنى قەدىرلەش كېرەك' دەپ سېگنال بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ، دېدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
فرانسىيە پارلامىنىت ئەزاسى فىلىپس تۈنۈگۈنكى نۇتقىدا، خىتايغا قارىتىلغان رادىئو - تېلېۋىزىيە دولقۇنلىرىنىڭ توساتتىن توسۇلۇش ۋە كاشىلا قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توخۇلۇپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا بېرلىن تېمى ئۆرۈلۈپ، ياۋروپادا كوممۇنىزم تۈزۈمى گۇمران بولغانلىقىنى خاتىرلەۋاتىدۇ ھەم تەبرىلەۋاتىدۇ، 'خىتاينىڭ ئۆز خەلقىغە سالغان سىم توساقلىرى بېت -چىت بولۇدىغانغىمۇ ئۇزۇن قالمىدى' دەپ كۆرسەتتى.