مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشىدا خاررىي ۋون بوممېلنىڭ رولى ناھايىتى زور بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتايدىكى مۇستەبىتلىككە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قايسى گۇرۇھلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان شەخس ئىدى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋون بوممېلنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېقىندا گوللاندىيە تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان پايتەخت ئامستېردامدىكى بىر پائالىيەت جەريانىدا "ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئىتتىپاقى"نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى "دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى" مۇناسىۋىتى بىلەن ئامىستېردامدا زور كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خاررىي ۋون بوممېل گوللاندىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ غوللۇق شەخسلىرىدىن بىرىدۇر. مەزكۇر پارتىيە ئىلگىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ سوتسىيالىستىك تەلىماتىغا ئەگەشكەن. لېكىن 1980 - يىللاردىن باشلاپ خىتاي سوتسىيالىزمى بىلەن بولغان چەك - چېگراسىنى ئايرىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىدىغان پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
