ساقچىلار ۋەزىيەتنى كونترول قىلغاندىن كېيىنلا، بۇ زاۋۇتتىن600 نەپەر ئۇيغۇرنى دەرھال يۆتكەپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى نامەلۇم.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاۋگۇەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ زور كۈلەملىك مللىي توقۇنۇشتىن جىدىيلەشكەن خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىۇروسىنىڭ ئەزاسى جۇ يوڭكاڭ، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك منىسىتىرى مېڭ جەنجۇ ۋە گۇاڭدوڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى خۇاڭ خۇاخۇا لارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن 440 نەپەر ساقچى ۋەزىيەتنى كونترول قىلغاندىن كېيىن مەلۇم قىلىشىچە، ۋەقەدە يارىلانغان ئادەم سانى 118، ئۇنىڭ 76سى ئۇيغۇر، بۇنىڭدىن ئۆلۈپ كەتكەن 2 كىشىمۇ ئۇيغۇر.
2003 - يىلى خوڭكوڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان، نامراتلاردىن قوبۇل قىلىنغان 10 مىڭ ئىشچىسى بار بۇ زاۋۇتنىڭ خوجايىنى سەي جژمىڭ، ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا چەتئەللەردە سىاياھەت قىلىۋاتقان يېرىدىن دەرھال خوڭكوڭغا قايتقان.
