خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزئىدېنتى ئوباما گۇئەنتانامو تۈرمىسىنى بىر يىل ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، كانادادىكى بىر نەچچە خرىستىئان چېركاۋلىرى بىرلىشىپ، مەزكۇر تۈرمىدىكى "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلانغان مەھبۇسلاردىن 60 نەپىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پائالىيىتى باشلىغان.
نەتىجىدە، كانادادىكى بىر قىسىم خرىستىئان جەمئىيەتلىرى ۋە كاندا مۇساپىرلار مەسلىھەت بېرىش ئورنى بىرلىشىپ، 3 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش نەپەر مەھبۇسقا باش پاناھ بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ھۆكۈمەتكە بۇلارنىڭ مەسىلىسىنى تېزلىتىپ ھەل قىلىش تەلىپىنى قويغان.
ئۇيغۇر ياش ئەنۋەر ھەسەن 2004 - يىلى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ھازىرغىچە تۈرمىدە ياتماقتا ئىدى.
