خانئېرىق يېزىسىدا دېھقانلار خىتاينىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.15
2008.09.15
خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نامايىشنى 4 بىر تۇغقان ئاكا - ئۇكا تەشكىللىگەن بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 كىشىنى قولغا ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي ساقچىلىرى مەزكۇر 4 بىر تۇغقان قېرىنداشنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنى تۇتالمىغان بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى ھازىر بۇ ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ئىزدەشكە باشلىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى نامايىش بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئاختۇرۇش ۋە قولغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى خوتەن ناھىيىسىدە ھازىر " يېزا - كەنتلەردىكى رەزىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.