شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر، قازاقىستان تەرەپتىن كېلىدىغان چېكەتكە ئاپىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قازاقىستانغا چېگرىلىنىدىغان جايلىرىدا مەخسۇس چېكەتكە ۋە باشقا زىيانداش ھاشاراتلارنى يەيدىغان ئۆي قۇشلىرىنى مىليونلاپ ئۆستۈرۈشكە ۋە تەربىيىلەشكە باشلىغان.
خىتاينىڭ چېكەتكىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇ چېن 'سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق بايقالغان ھادىسىلەردىن قارىغاندا، قازاقىستان تەرەپتىكى كۆللەرنىڭ كۆلىمى 2007 - يىلىدىن بۇيان 58 مىڭ كۋادرات گېكتار تارىيىپ كەتتى. بۇنداق ھادىسە چېكەتكە ۋە باشقا زىيانكەش ھاشاراتلارنىڭ ئۆز ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ سىرتقا يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئاپەت يۈز بەرگەن ھامان، چېكەتكىلەرنى ئۆزىمىز ئۆستۈرگەن ۋە تەربىيىلەۋاتقان ئۆي قۇشلىرىغا يېگۈزۈپ تۈگىتىمىز، ئايروپىلانلار بىلەنمۇ دورا چېچىپ ئۆلتۈرۈمىز،' دېگەن.
