خەلقئارا سودا ساھەسىدىكى كاتتىباشلار سىنگاپورغا يىغىلدى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودا ساھەسىدىكى 800 نەپەر نەپەر كاتتىباش، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىنگاپورغا يېتىپ كەلدى.

13 -، 14 ‏ - نويابىر كۈنلىرى ئېچىلىدىغان بۇ يىغىن، يەكشەنبە كۈنى 15 - نويابىر كۈنى ئېچىلىدىغان، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىقتىسادىي يۈكسىلىش ھەم خەلقئارا سودا مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە پۇل - مۇئامىلە بازىرى مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

پەيشەنبە كۈنى 12 - نويابىر كۈنى ئېچىلغان "ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مالىيە باشلىقلىرى يىغىنى"دا، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. يەكشەنبە كۈنىدىكى يىغىنغا ئامېرىكا برېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ قاتنىشىدۇ.

جۈمە، شەنبە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا، سودا ساھەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچى كاتتىباشلار، سودىگەرلەر، ھەم بىر قىسىم يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ياش سودىگەرلەرمۇ قاتنىشىدىكەن.