ھىندىستان مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە تەرەققىيات ئورگىنىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارلار، يەكشەنبە كۈنى سىناق قىلىنغان بومبىنىڭ "ئاگنى - 3" بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، بۇ تۈرلىك بومبىنىڭ 4 - قېتىم سىناق قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستاننىڭ 2006 - يىلىدا ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئاگنى - 3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرىغان. لېكىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان 2 - قېتىملىق سىناق مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان ئىدى.
ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىيات نىشانى ئاساسلىقى پاكىستانغا قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاگنى - 3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئۇچۇش مەنزىلى 3000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىگە، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدۇ. لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، يەكشەنبە كۈنىدىكى سىناقنىڭ رايوندىكى رەقىپ دۆلەتلەر ئارىسىدا جىددى ئەنسىزلىك يارىتىش ئىھتىمالى ئازلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
