ھىندىستان 1 ‏- دىكابىردىن باشلاپ خىتايدا ئىشلەنگەن 25 مىليون يانفونغا چەكلىمە قويدى

'يەرشارى خەۋەرلىرى' قاتارلىق خىتاي ئۇچۇر ۋاستىىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان 12‏ - ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ خىتايدا ئىشلەنگەن يانفونلارغا چەكىلىمە قويغان. بۇنىڭ بىلەن، خىتايدىكى 'سەنسەي' يانفون زاۋۇتى ئىشلەپ چىققان 25 مىليون يانفوندا ناھايىتى چوڭ زىيان كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى خىتايدا ئىشلەنگەن يانفونلارنى قوراللىق تەشكىلاتلار قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مومبايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەدىمۇ بۇنداق يانفونلار قوللىنىلغانلىقىنى، ھېندىستاننىڭ مۇلازىمەت تارماقلىرىغا تىزىملاتقان كىملىك نومۇرى IMEI بولمىغان بۇنداق يانفونلارنى بايقاش قىيىن بولىدىغانلىقىنى، خىتايدا ئىشلەنگەن يانفونلار ئەمدى ھىنىدىستاننىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىدە تىزىملانغان كىملىك نومۇرى بىلەن قوللىنىلمىسا، ئۇ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنەلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ھىنىدستان دائىرىلىرى بۇ بۇيرۇقنى چىقارغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ چېگرا رايونلىرىدا قوللىنىلىۋاتقان خىتايدا ئىشلەنگەن يانفونلار تامامەن ئىشتىن توختىغان.