خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەسلىدە مەزكۇر تۆمۈر يول ھىندىستاننىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئاسام ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىدىن باشلانغان بولۇپ 250 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا. ئاسام ۋىلايىتىنىڭ نېفىت بايلىقىنى توشۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان.
ئاسام ۋىلايىتىدىكى يەرلىك خەلقلەر ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىدىن شىكايەتچى، بولۇپمۇ ئاسام ۋىلايىتىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن يەرلىك خەلقلەر يېتەرلىك دەرىجىدە پايدىلىنالمايۋاتقانلىقىغا نارازى.
ھىندىستاننىڭ دۆلەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسئۇلى باشار ماھانتا تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى نېفىت قاچىلانغان يۈك پويىزىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئوت قويۇش ۋەقەسىنى ئاسوم ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنى ئەيىبلىگەن.
باشارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلار تۆمۈر يولنى پارتلىتىشتا يەرلىك بومبا يەنى قولدا ياسىغان بومبا قوللانغان.
