ھىندونېزىيىدە يەر تەۋرەپ ئۈچ كۈندىن كېيىن خارابىلىقتىن يانفون ئارقىلىق يازما ئۇچۇر كەلگەن

ھىندونېزىيىنىڭ سۇماترا ئاراللىرىدىكى پاداڭ رايونىدا چارشەنبە كۈنى 7.6 دەرىجىلىك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، مىڭدىن ئارتوق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالغىلى بولمايۋاتقانلىقى، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پاداڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيىنىڭ TV مۇخبىرلىرى بۇ رايوندا، تاغدىن سېرىلىپ چۈشكەن تاش، شېغىل ياكى پاتقاقنىڭ ئاستىدا قالغان بىرمۇنچە مەھەللىلەرنى كۆرگەن، بەزى مەھەللىلەر ئاللىقاچان كۆزدىن غايىپ بولغان.

يەر تەۋرەپ ئۈچ كۈندىن كېيىن (جۈمە كۈنى)، بىر مىھمانخانا خارابىسىدىن يانفون ئارقىلىق يازما ئۇچۇر كەلگەن. ئۇنىڭدا شۇ كىشى ئۆزىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكى، بۇ جايدا يەنە ھايات ئادەم بارلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش خادەملىرى شۇ يۈنىلىش بۇيىچە ئاختىرىش ۋە قۇتقۇزۇشكە كىرىشكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە قىزىل كىرىس جەمئىيىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ رايوندا ھازىرغا قەدەر كۆمۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئادەم سانى 4 مىڭدىن ئاشىدۇ.

تۈنۈگۈن، ھەربىي مەشققە كېتىۋاتقان ئامېرىكا تىنج ئوكيان قىسىملىرى دەرھال يۈنىلىش ئۆزگەرتىپ، سوماترا ئاراللىرىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ياردەم بېرىشكە ئاتلانغان. ھىندونېزىيىنىڭ مۇئاۋېن پرېزىدېنتى يۇسۈپ كاللا نىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە، ياۋروپا بىرلىكى، ياپونىيە، مالاشىيا قاتاتلىق دۆلەەتلەرنىڭ يادەم ئەشيالىرى يېتىپ كېىلىشكە باشلىغان.

2004 ‏ - يىلى بۇ رايوندا يۈز بەرگەن دېڭىز چاپقۇنىدا 230 مىڭ ھىندونېزىيىلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، فىلىپىدە تايپون ئاپىتى يۈز بەردى، تەيۋەن ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر ھازىر ئاپەتتىن ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ساقلىنىشقا جىدىي تەييارلىق كۆرمەكتە.