فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشچىلار يەنە ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەمدە بولۇپ، خىتايغا قارشى "جىھاد" قا چاقىردى.
نامايىشچىلار يەنە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۇچۇن جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا دەۋەت قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: " بىز ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىقلارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز. ئەگەر دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر كارغا كەلمىسە، بىز ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە ۋە بارلىق خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز،" دېيىلگەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، شۇ خىلدىكى نامايىشلار ھىندونېزىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.
