خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئىلھام توختى، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى.
ئىلھام توختى خىتايدىكى مۇنازىرە تور بېتى" ئۇيغۇ بىز" تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى. "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى مەزكۇر تور بېتىنى ئۈرۈمچىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئىلھام توختى ئىلگىرى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ھەققىي ئاپتونومىيە ئەمەسلىكىنى ھەمدە نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئىلھام توختى يەنە، ئۇيغۇرلار خىتاي ئىچىدىكى قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى كېرەك، دېگەن تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويغان شەخس ئىدى.
ئىلھام توختى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، خىتايدىكى بىر قىسىم داڭلىق ئۆكتىچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يوللاپ ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
