ئاخباراتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيول كۈنىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بىركۈن ئۆتكەندە، 6 - ئىيول كۈنى، بېيجىڭدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئىلھام توختىنى نامسىز قولغا ئالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يازغۇچى ئىلھام توختىنى "پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ھەققىدىكى خەلقئارالىق كېلىشىم" نىڭ 19 - ماددىسىغا ئاساسەن دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
ئاخباراتتا، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ لوندوندىكى باش ئورگىنى ئېلان قىلغان بۇ ئاخباراتنى كۆرگەن كىشىلەردىن، ئۆز پىكرىنى يېزىپ، مەزكۇر ئاخبارات بىلەن بىللە، خىتاينىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.
بوشۇن تور بېتى بۇ ئاخباراتىنى ئېلان قىلغاندا، ئىلھام توختىنىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئوبزورلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقنىڭ ئەكىنلىك، دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۇنۇشتۇردى.
