بوشۈن خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر باياناتقا خىتاي يازغۇچى ۋاڭ لىشۈڭ، شۈ يى، تىبەت يازغۇچىسى جاۋ سى، سىچۈەنلىك تۇ مىللىتىدىن بولغان مۇھەررىر رەن يۇنفىي قاتارلىق ۋە تۇڭگان، مانجۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 158 نەپەر ھەر ساھە زاتلىرى بىرلىكتە ئىمزا قويغان.
باياناتتا، "ئىلھام توختىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر زىيالىيسى جىنايەتچى سانالماسلىقى كېرەك ۋە ئىلھام پروفېسسورنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە نامۇۋاپىق ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىشى مىللىي ئۆچمەنلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئەقلىي دىئالوگ بولۇشلۇقنى تارايتىدۇ" قاتارلىق 8 تۈرلۈك سەۋەبلەر تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز - دېرىكى بولماي كەلمەكتە.
