ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات يوق. ئىلھام توختىنىڭ ئايالى چارشەنبە كۈنى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن يەنە، " ئىلھام توختى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىۋېتىلدىمۇ ؟ " دەپ سورىغىنىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا يولدىشىنىڭ قايسى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەندىن بېرى ئىلھام توختى بىر مېھمانخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بۇ يولدىن ھەرگىز قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇ يەنە، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ مەۋسۈم ئۇنىڭغا دەرس ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىش ئېھتىمالىغىمۇ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
