ﺋﯩﺮﺍﻕ ﺳﻮﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﻬ ﺋﻪﺯﯨﺰﮔﻪ 15 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ

2009-03-11

ﺋﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺳﺎﺩﺍﻡ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﻬ ﺋﻪﺯﯨﺰﮔﻪ 15 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺏ ﺏ ﺱ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ، ﺳﺎﺩﺍﻡ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ 42 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺩﯦﻠﻮﺳﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﯚﻛﯜﻣﻨﺎﻣﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.


ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﺎﺩﺍﻡ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﺎﺭﯨﻬ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﯞﻩ 1992 ‏- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.


پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ

پىكىر - بايانلىرىڭىز تور باشقۇرغۇچىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك بولۇپ، تور بەتتە شۇ زامان ئېلان قىلىنمايدۇ. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، پىكىر - بايانلىرىڭىزنىڭ تەستىقلانغان ياكى تەستىقلانمىغانلىقىنى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشىگىزنى سورايمىز. پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى تۆۋەندىكى جەدۋەل ئارقىلىق، ئۇيغۇر كونا يېزىقى بويىچە يوللىيالايسىز.




ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ

ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ
ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺑﯧﺴﯩﺶ
بۇ ھېكايىنى قوشۇۋېلىڭ

 
Radio Free Asia
2025 M Street NW, Suite 300
Washington DC 20036, USA
202-530-4900
uygweb@rfa.org