ئىراق سوتى تارىھ ئەزىزگە 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى

ئىراقتا بۈگۈن سوت مەھكىمىسى سادام دەۋرىدىكى مۇئاۋىن باش مىنىستىر تارىھ ئەزىزگە 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، سادام دەۋرىدە 42 نەپەر سودىگەرگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشقا ئىمزا قويغان بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار دېلوسى ئۈستىدە چىقىرىلغان بىر ھۆكۈمنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سادام ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تارىھ ئەزىز ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە 1992 ‏- يىلى خەلقئارا جەمئىيەت ئىراققا قويغان ئىقتىسادىي جازادىن مەنپەئەت ئالغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆتكەن ھەپتىدە باشقا بىر سوت مەھكىمىسىدە ئاقلىنىپ چىققان ئىدى.