ئىراق قوشۇنلىرى باغدادنىڭ توقۇنۇش رايونىنى ئىگىلىدى

شەنبە كۈنى باغداد شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى فادىل رايونىدا ئىراق ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى بىلەن يەرلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ قوراللىق ئادەملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئېتىشىشلار داۋاملىشىپ، ئاخىرى يەكشەنبە كۈنى ئىراق ھۆكۈمەت كۈچلىرى بۇ جاينى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل شۇكى. ھۆكۈمەت تەرەپ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق بىر سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەربابىنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇ سۈننىيلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە ئۇلار قولغا ئېلىشقا كەلگەن ئىراق ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ جەرياندا ئۈچ ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بىر نەپىرى ئىراق ساقچىسى، ئىككى نەپىرى پۇقرا ئىكەن. يەكشەنبە كۈنىگە كەلگەندە ئېتىشىش تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، ئىراق ھۆكۈمەت قوشۇنى ۋە باغدادتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قوشۇنى بۇ يەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان باغدادتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ۋە توقۇنۇشلار بىر قەدەر ئازلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ ئىراقتىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

فادىل رايونى باغداتتىكى سۈننىيلەر كۆپ جاي بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر - ئىككى يىل ئىلگىرى مەزكۇر جاي بازا تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولۇپ، بىراق يەرلىك كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ۋە بۇ سۈننىيلەرنىڭ بىر قىسىمى ھۆكۈمەت تەرەپكە ئۆتكەن.