ئىراقلىقلار توسقۇنلۇقلارغا قارىماي سايلام ئۆتكۈزدى

يەكشەنبە كۈنى ئىراقتا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سايلام زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، نەتىجىدە 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى بىلدۈرۈلمەكتە.

سايلامغا قارشى چىققۇچىلار باغدادتا سايلام مەيدانلىرىغا راكېتا قاتارلىقلارنى ئاتقان بولسىمۇ، بىراق سايلام يەنىلا داۋاملىشىپ، ئاخىرلاشتۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى سايلامدا سۈننىيلەر، كۇرتلار ۋە ئىلگىرىكى شىئەلەر بىرلەشمىسى قاتارلىقلار بىلەن ھازىرقى باش مىنىستىر مالىكى تەرەپدارلىرى كۈچلۈك رىقابەتلەشكەن بولۇپ، بەلكى سايلامدىن كېيىن بىرلەشمە شەكىلدىكى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت باراك ئوباما ئىراقلىقلارنىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمىنى تەبرىكلىگەن.