57 دۆلەت ئەزا بولغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتقا سۈرىيىمۇ قاتناشقان.
تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەمەشىق دائىرىلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سۈرىيە خەلقىگە ئىنسانىي ياردەم ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزۈش تەلىپىگە قوشۇلغان ۋە ئۆتكەن ئايدا رۇخسەتنامىگە ئىمزا قويغان.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئېھسانوغلۇ مۇخبىرلارغا ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قارشىلىق ۋە باستۇرۇش 1 مىليون پۇقراغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، بۇلارغا 70 مىليون دوللار ئىنسانىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان ئەسەد ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلاردا 9 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ مۇساپىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ئايدا تۈركىيىدە ئېچىلغان «سۈرىيە خەلقنىڭ دوستى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى كېچىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
