ئىتالىيە بىلەن قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئىتالىيىدە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ باردى. ئۇ ئىتالىيە پرېزىدېنتى گىئورگىئو ناپولىتانو بىلەن قۇئىرىنا سارىيىدا ئۇچراشتى.

ئۇچرىشىشتا نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستاننىڭ ياۋرۇپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ2010 - يىللىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا ئىتالىيىنىڭ ناھايىتى چوڭ مەدەت بولغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: "قازاقىستان ھەممە مىللەت ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، زامانىۋى بىر دۆلەت. پەرقلىق مىللەت ۋە دىنلارنىڭمۇ بىرلىكتە ياشىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بىر دۆلەت. بىز ياۋرۇپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلىدە دۇنيا بىزنىڭ بۇ تەجرىبىمىز بىلەن تونۇشىدۇ."

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف سۆزىدە يەنە، ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈچۈن دەرھال يىغىن چاقىرىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئافغانىستانغا پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي ياردەم قولىنى سوزۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشتىن كېيىن تىجارەت ساھەسىدە بىر تۈركۈم كېلىشىملەرگە قول قويغاندىن باشقا يەنە، ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق كېلىشىمىمۇ تۈزدى. ئىتالىيە، رۇسىيە ۋە خىتايدىن قالسىلا، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىدا 3‏- چوڭ ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، قازاقىستاننىڭ كان بايلىقلىرىنى دۇنيا بازىرىغا سالىدىغان مۇھىم بىر دۆلەت.

قازاقىستان 2010 - يىلىدا ياۋرۇپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزىۋالىدىغان بولۇپ، بەزى دۆلەتلەر قازاقىستاندەك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ بۇ تەشكىلاتقا رەئىس بولۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما قازاقىستان بولسا ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلىمەكتە. قازاقىستان يېقىندا فرانسىيە بىلەنمۇ بىر قاتار سودا ۋە ھەربىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان ئىدى.