جون مېككېيىن ميۇنخېندا خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا «ئەرەب باھارى» خىتايغا كەلمەكتە، دېدى

ميۇنخېندا ئالىي دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتائەزاسى جون مېككېيىن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭجىجۈنغا «ئەرەب باھارى» خىتايغا كەلمەكتە، دېگەن ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان تىبەتلەر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

جاڭ مېككېيىننىڭ بۇ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەن. رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، مېككېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مىنىستىر ۋە دىپلوماتلارنىڭ ئالدىدىلا خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا: دۆلىتىڭلاردا تىبەتلەرگە قارىتا ئىزچىل ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى سەۋەبلىك تىبەتلەر ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالماقتا. بۇ ئادەمنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغايدۇ، دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: مەن بۇرۇنمۇ دېگەن ھەم يەنە دەيمەن. «ئەرەب باھارى» نىڭ ئوتى خىتايغىمۇ تۇتىشىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ يىغىن سورۇندىكىلەرگە خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى، «ئەرەب باھارى» نى خىتايغا كېلىدۇ دەپ قاراشنىڭ بىر «خام خىتاي» ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

مېككېيىن ئىلگىرى «ئەرەب باھارى» ھەر كىتى ئوتتۇرا شەرقتە ئەۋج ئالغان پەيتلەردە بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتايدىمۇ پارتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.