بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەلىللىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كھىئېئۇ سوپھئاك: " 20 نەپەر ئۇيغۇر شەنبە كۈنى كەچتە خىتاي ئايروپىلانى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلدى" دېدى.
كامبودژا دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن، بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بىلەن خىتايغا يولغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، خەلقئارا بېسىملار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، بۇ ئۇيغۇرلار بۈگۈن (يەرلىك ۋاقىت) كەچقۇرۇنغىچە كامبودژادا تۇتۇپ تۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشى خاراكتېرلىك قارا - قويۇق تۇتۇن قىلىش خەۋپىدىن قېچىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالدى بىلەن ۋېتنامغا ئاندىن يوشۇرۇن يوللار بىلەن كامبودژاغا قېچىپ كەلگەن.
بۇ ئۇيغۇرلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 22 نەپەرگە يەتكەن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.
ئىلگىرى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن قېچىپ، بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاش قىسمەتكە يولۇققان ئىدى.
بۇلاردىن 2000 - يىلى نېپالغا قېچىپ چىقىپ بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىدىن پاناھلىق تىلىگەن شىر ئېلى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ھەمراھلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. كېيىن خىتاي ئاخباراتى شىرئېلىنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا پاكىستان دائىرىلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ جازاغا تارتىلغان ئۇيغۇرلاردىن، ئىسمائىل سەمەت، مەمەت توختى قاتارلىقلار بار.
مەلۇم بولۇشىچە، مەمەت توختى2003 - يىلى 18 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئىسمائىل سەمەت 2005 - يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك تەشكىلاتلىرى كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەرخىل تراگېدىيىلىك قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى زوراۋانلىق ھەرىكەت دەپ بېكىتىپ بۇنىڭغا ئالاقىدار قارالغان 20 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ بۇلارنىڭ 9 نەپىرىگە جازا ئىجرا قىلغان ئىدى.