ب د ت باش كاتىپى ئانناننىڭ بۇ قارارى خىتاي ھەم روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيىدە ھەقىقى دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تەنقىت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان، ب د ت باش كاتىپى ئانناننى سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قانلىق باستۇرۇش بىلەن خەلقئارادا ئەيىبلىنىۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمران بەسەر ئەساد بىلەن مۇرەسسە قىلىش خاھىشىنى ئىپادىلەپ، بەشەر ئەسادنىڭ ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇشىنى كەينىگە سۈرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۈگۈنكى سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە سۈرىيىدە ئۆكتىچىلەر بىلەن بەسەر ئەساد ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش بولىۋاتقان بىر قىسىم شەھەرلەردە ئۇرۇش توختاش ۋەزىيىتى شەكىلەنگەن.
