شىمالىي كورىيە 1953‏ - يىلىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ۋاشىنگتون پوست گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە دۈشەنبە كۈنى يادرو سىنىقى، سەيشەنبە كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۈگۈن يەنە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن 1953‏ - يىلىدىكى كورىيە ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 1953 ‏ - يىلى كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەر تەرەپ 500 قېتىمدىن ئارتۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئاخىرى 7 ‏ - ئاينىڭ 27 ‏ - كۈنى بىر كېلىشىم ئىمزالاپ 'مۇشۇ كېلىشىم ئىمزلالىنىپ 10 سائەتتىن كېيىن، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھەر تەرەپ دۈشمەنلىشىشنى توختىىدۇ' دەپ جاكارلىغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمگە شىمالىي كورىيە قوماندانى كىم ئېرسىن، خىتاي قوماندانى پېڭ دېخۇاي ۋە ئامېرىكا قوماندانى كىلاركلار ئۆزلىرىنىڭ قوماندانلىق شىتابىدا تۇرۇپ ئىمزا قويغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكا تەشەببۇس قىلغان 'يادرو قوراللىرى تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى' غا قاتناشقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا، شىمالى كورىيە ئۇنىڭغا قارشى ھالدا بۇ باياناتنى ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورىيىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزغانلىقىنى جاكارلىدى.

لوس ئانجىلىس تايمىس گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى خىتايغا 50 كىلومېتىر يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلدى. خىتاينىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا بەزى مەكتەپلەر تاقالدى.

لوندون تايمىس گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى شىمالىي كورىيىگە ئەڭ يېقىن دوست بولۇپ كېلىۋاتقان، ئەڭ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ۋە بۇ قېتىم ئەڭ كۆپ تەھدىتكە ئۇچرىغان خىتاي ھەل قىلىدىغان مەسىلە. ئەمدى شىمالىي كورىيىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسى.

بوستون شارى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە دۈشەنبە كۈنى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىنلا، بىر يۈرۈش قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇ دۆلەتكە نېسبەتەن قۇرۇلۇش خاراكتىرلىك تەدبىر قوللىنىۋاتقان بارەك ئوباما بۇ ھەقتە جىددىي ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدى.