كورلىدا كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىلماقتا

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-مارت كورلىنىڭ توۋۇرچى يېزىدا يۈز بەرگەن 4 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىي خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئۆلگەن ۋەقەدىن كېيىن، دائىرىلەر كورلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن كېيىن كورلىنىڭ توۋۇرچى، قارا يۇلغۇن قاتارلىق يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش قىلىش ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە 50 تىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە كورلىدا ساقچى دائىرىلىرى ھەرقايسى يېزا، مەھەللىلەرگە باشقا ناھىيە، شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا باشلىغان. نۇقتىلىق ھالدا دىنىي ئېتىقادى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، دىنىي كىتابلار ھەم ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلغان.

دىلشات رىشىت بۇ قېتىم كورلىدا يۈز بەرگەن 8-مارت ۋەقەسى ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 28-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسى، 31-ئىيۇل قەشقەر ۋەقەسى، ھەم 17-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار قارشىلىق كۆرسىتىش، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دىلشات رىشىت يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا چاقىردى.