دۆلەتتىكى ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى نامزاتلار ئۆز-ئارا مۇسابىقىگە چۈشكەن بۇ سايلام قىسمەن رايونلاردا يۈز بەرگەن كىچىك ۋەقەلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن دېگۈدەك تىنچ ئاياغلاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا 13 نامزات قاتناشقان. ئەگەر بۇ سايلامدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى 50 پىرسەنتتىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىككى نامزات ئارىسىدا 16-17-ئىيۇن كۈنلىرى قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ھۈسنى مۇبارەك ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مىسىر ۋاقتىنچە قۇرۇلغان ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھازىر گەرچە مىسىر ئارمىيىسى ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەيدىغان ئەندىشىلەر بار. ئەمما ھەربىي كومىتېت دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا مىسىرنىڭ يېڭى پرېزىدېنتىنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق سايلىنىدىغانلىقىنى، ھەربىي كومىتېتنىڭ سايلام نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىسىردىكى سايلامنى «دۆلەتنىڭ دېموكراتىيىلىشىش باسقۇچىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ تەرىپلىدى.
