مو شاۋپىڭ تۈرمىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو قاتارلىق بىر قىسىم ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى ئاقلاش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ئىدى. ئۇ پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغان.
زىياپەتكە خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلمۇ قاتناشماقچى ئىدى. بىراق موشاۋپىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، زىياپەت باشلىنىشتىن 3 سائەت بۇرۇن ساقچىلار ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئۇنى گېرمانىيە ئەلچىخانىسىنىڭ زىياپىتىگە بېرىشتىن توسقان.
مو شاۋپىڭ زىياپەتكە قاتنىشىپ، ئانگېلا مېركېل بىلەن خىتاينىڭ قانۇنچىلىق ۋەزىيىتى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولغان. مېركېل خىتايدا ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، د ئۇ ق ۋە باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭدىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
لېكىن گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەڭ ئىچىدە سۆزلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى. بىراق بۇ موشاۋپىڭنىڭ خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن غەرب رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچۇرۇشى ئەمەس.
