خىتاي دائىرىلىرى نامايىشقا قاتناشقان موڭغۇللاردىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى نامايىشقا قاتناشقان ئىچكى موڭغۇللۇق موڭغۇللاردىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئوقۇغۇچى، ئاھالە ۋە موڭغۇل چارۋىچىلاردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. شېلىنغول ئايمىقىدىن تەخمىنەن 40 دەك موڭغۇل ئوقۇغۇچى ۋە چارۋىچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، كۆكخوت شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق نامايىشتا ئوقۇغۇچى ۋە ئاھالىلەردىن بولۇپ 50 دەك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىنخىباتۇ تۇغۇچۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن مەلۇماتىدا، «دائىرىلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھېساب ئېلىشقا باشلىغانلىقى» نى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە بىلىگەباتار ۋە بالچۇلۇ ئىسىملىك ئىككى تور يازغۇچى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ يەنە، «تور بەتلىرىنىڭ تاقالغانلىقى، يان تېلېفون ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىغا چىقىشى ئۈچۈن ئالاھىدە رۇخسەت ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

شېلىنغولدا باشلىنىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ باشقا جايلىرىغا تارالغان بۇ قېتىمقى ۋەقەدە موڭغۇللار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن موڭغۇل خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى، يايلاق ۋە يۇرت-ماكانلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن موڭغۇللارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بەزى رايونلاردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ يىغىلىشىنى چەكلىگەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشنى 2008‏-يىلى 3‏-ئايدا تىبەتلەرنى، 2009‏-يىلى 7‏-ئايدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندەك قانلىق باستۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى 100 گە يېقىن موڭغۇلنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ، تەرەپسىز ئۇچۇر مەنبەلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى.