رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان "ئۈمىد" تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە پروفېسسور مېھرىبان ئابدۇللايېۋا خانىم ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ناھايىتى ئاز بىلىدىغانلىقى، كىچىك قىزىغا بولسىمۇ ئۆز ئەجدادىنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ بىلىملەرنى قىزىغا ئۆگىتىشكە ئامالسىز قالغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بايان قىلغان.
مېھرىبان خانىمنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، تىل بىر مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تىلسىماتىنىڭ بىردىن - بىر ئاچقۇچى بولۇپ، بىر مىللەت پەقەت ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلىش ئارقىلىق ئۆز مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنى ھەقىقىي بىلەلەيدۇ، ئۇنى سۆيىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ.
مېھرىبان ئابدۇللايېۋا خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا "بالامغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىپ قويۇڭلار !" دەپ قاتتىق خىتاپ قىلىدۇ.
