تۈركىيىدىكى ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ۋاپات بولدى

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان جامائەت ئەربابى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 13 - نويابىر كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىدە 87 يېشىدا ۋاپات بولغان.

مۇھەممەد سالىھ ھاجىم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، بولۇپمۇ تۈركىيىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان جامائەت ئەربابى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي - ئىقتىسادىي ھاياتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم كۆپلىگەن ۋەقەلەرگە قاتناشقان تارىخىي شاھىد ئىدى.

مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1923 - يىلى، ئاتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن، 1934 - 1937 - يىللىرى ئارىسىدا مەمتىلى تەۋپىق ئاچقان ئاتۇشتىكى مەكتەپتە ئوقۇپ، تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئىزچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، مەمتىلى تەۋپىق يېتەكلىگەن ئىزچىلارنىڭ قەشقەر ۋە ئاتۇش ئەتراپلىرىدىكى يېڭىچە مائارىپ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان.

مۇھەممەد سالىھ ھاجىم تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە مەمتىلى تەۋپىق ئۆگەتكەن شېئىرلارنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. ئۇ، 1939 - 1940 - يىلى ئارىسىدا غۇلجىغا بېرىپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە غۇلجىدا ياشاش ۋە باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ - كېلىش جەريانىدا كۆپلىگەن مەشھۇر تارىخى شەخسلەر بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ، ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ يالقۇنلۇق نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغان.

مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1981 - يىلى تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە جامائەتنىڭ ھۆرمەتلىشى ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئەربابقا ئايلانغان ئىدى.

مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ھايات ۋاقتىدا كۆپ قېتىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇساپىلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى خاتىرىلىرىنىمۇ بايان قىلغان ئىدى.