نازاربايېف راستىنلا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاق ساقىلىمۇ؟

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنى «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاقساقىلى» دەپ تەرىپلىدى. ئابدۇللا گۈل بۇ باھانى قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ «خابار» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان.

«مەن نازاربايېفنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاقساقىلى دەپ ئاتايمەن، ئۇ 20 يىللىق مۇستەقىللىق ئىچىدە قازاقىستان ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلدى، ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭ ھازىرقى يۈكسەك تۈركىيە - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئوينىغان رولىمۇ ناھايىتى زور» دەيدۇ ئابدۇللا گۈل.

«رېگنۇم» ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، ئابدۇللا گۈل سۆزىدە يەنە قازاقىستان تۈركىيە ئۈچۈن قېرىنداش دۆلەت دەپ تەكىتلىگەن. مەلۇمكى، بۇ يىل تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەنقەرەدە نازاربايېف ئۈچۈن ھەيكەل ئورنىتىپ، ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەر قايسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەر قېتىم تۈركىيىگە بارغاندا، ۋە تۈرك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تۈرك خەلقلىرى ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە بىرلىكنى تەكىتلەشنى ئۇنتۇپ قالمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ قەدەم بېسىشتىن ئېھتىيات قىلماقتا. ئۇلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلىرىنى بىرلىكتە بېسىقتۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا يول قويماسلىق تەلىپىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما، تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئەيىبلىگەن بىردىن بىر تۈركىي دۆلەت رەھبىرى ھېسابلىنىدۇ.