نۇر بەكرى بۇ سۆزلەرنى ئىككى يىغىن جەرياندىلا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشى يىغىنىدا ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: " ئۇلار مەغلۇبىيەتنى ئۇنداق ئاسان تەن ئالمايدۇ. ئۇلار بۆلگۈنچىلىك قىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە بىزگە يەنە ئاۋارىچىلىك سېلىشى ئۈچۈن ئۇسۇل تەدبىرلىرىنى يەنە ئۆزگەرتىدۇ".
نۇر بەكرى يىغىندا يەنە، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقچىلىرى پىلانلىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى باستۇرۇلغاندىن كېيىن ۋەقەگە ئالاقىدار 30 نەپەرگە يېقىن ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخباراتلارغا بەرگەن زىيارىتىدە نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر خىتاي "شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرمىسە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىدىغانلىقىنى" ئىلگىرى سۈردى.
