نۇر بەكرى يەنە 'ئۈچ خىل كۈچلەر' گە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى

6 - يانۋار، 7 - يانۋار كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 11 ‏ - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنى ئارقا ‏ - ئارقىدىن ئېچىلدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ پەيشەنبىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا قويغان رەئىسى ۋە پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرىنىڭ 2008 - يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

نۇر بەكرى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلگىرىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە بوشاشماي زەربە بەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدە ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ كاشىلىسىغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ دوكلاتىدا يەنە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەش ئىكەنلىكىنى، داۋاملىق تۈردە ئالدىن زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

نۇر بەكرى ھەر قېتىملىق يىغىن نۇتۇقلىرىدا، سۆزىنى مۇقىملىقتىن باشلىماقتا ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەش بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرماقتا. رەئىسلىك ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ بىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى، ھېچ بىر سورۇندا تىلغا ئېلىپ باقمىغان نۇر بەكرىنىڭ مۇقىملىق ھەققىدە مۇنچە كۆپ توختىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۇر بەكرىنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى جەمئىيەت مۇقىملىقىدىن كۆپ ئۆزىنىڭ سىياسىي مەرتىۋىسىنىڭ مۇقىملىقىدۇر.