نۇر بەكرى ئۈرۈمچى نامايىشىغا سەۋەبكار 'گۇماندارلارنى پات ئارىدا قولغا ئېلىپ جازالايدىغانلىقى' توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى جۈمە كۈنى، بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى نامايىشىغا سەۋەبكار "گۇماندارلارنى ۋە نامايىش جەريانىدا جىنايەت سادىر قىلغانلارنى پات ئارىدا قولغا ئېلىپ جازالايدىغانلىقى" توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ۋە "زوراۋان جىنايى قىلمىشلارغا تۆمۈر مۇشت بىلەن زەربە بېرىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نۇر بەكرى، "زوراۋانلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئالدىن زەربە بېرىش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، "بۇ نۆۋەتلىك نامايىش مىللىي، دىنىي ۋە ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ئارىسىدىكى كۈرەش" دېگەن.

5 - ئىيۇل نامايىش پارتلىغاندىن كېيىن ، نۇر بەكرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى، نامايىشنىڭ سىرتقى بۆلگۈنچى كۈچلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەنكىنى ھەمدە مەزكۇر نامايىشقا ئالاقىدار كىشىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلەر، ئۈرۈمچى نامايىشىنى پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادالەتسىز سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.