نيۇيوركتا تۈركلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

21 - ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى، نيۇيوركتىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، نيۇيوركتىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

سەيشەنبە كۈنى سائەت 1 دىن 3 كە قەدەر داۋام قىلغان مەزكۇر نامايىشقا تۇرك ئوچاقلىرى قاتارلىق تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن تۈرك ئە زالىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ، " شەرقىي تۈركىستاندىكىلەر خىتاي ئەمەس! ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز! ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قاراتقان زوراۋانلىقنى توختات!" دېگەندەك نارازىلىق شوئارلىرىنى توۋلىغان.

تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان زور كۆلەملىك ئاممىۋى پائالىيەتلەر، نامايىشلار داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەللەردىكى تۈركلەرمۇ ئىزچىل تۈردە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە شۇنداقلا بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىندىشىمىز دەپ بىلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۈركلەر بۈگۈنكىگە ئوخشاش ئۆز ئالدىغا تەشكىللىنىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.