ئوبامانىڭ بۇ ئىراق زىيارىتى، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئىراق رەھبىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقىتىلمىدى.
ئەمما ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئېزدېنت ئوباما ھازىرغىچە باغدادتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىن ئايرىلمىغان بولۇپ، بەلكىم ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئوبامانىڭ ئىراقتا ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش ھەققىدە بايانات بېرىشى مۈمكىنلىكىنى قىياس قىلماقتا. ئامېرىكا كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئېراقتىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى پىلان قىلغان ئىدى.
ئوباما ئىستامبۇلدىن ئىراققا قاراپ يول ئېلىش ئالدىدا تۈركىيە سىتۇدېنتلىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە، ئىراققا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارىدىغان سىياسىي ئىسلاھاتىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
